باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «يولغا قويۇش لايىھەسى» تارقىتىپ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىدۇ

2017.05.19 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، ئورتاق پايدىلىنىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» تارقىتىپ(تۆۋەندە «يولغا قويۇش لايىھەسى»دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)،ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش ۋە جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئەڭ زور دەرىجىدە كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىلار ۋە ئاممىنى ئاز يول ماڭدۇرۇش، ئىش بېجىرىش ئوڭاي بولۇش، ئاۋارە قىلماسلىقنى نىشان قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى تېزلىتىپ، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ۋە جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇر سىستېمىسى ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە ۋە يولغا قويۇش يولى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بىر تۇتاش قۇرۇلۇش پىلانلاش، بىر تۇتاش ئۆلچەمنى قېلىپلاشتۇرۇش، بىر تۇتاش ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش، بىر تۇتاش ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ نازارەت قىلىش، بىر تۇتاش باھالاش سىستېمىسىدىن ئىبارەت «بەشنى بىر تۇتاش قىلىش» ئومۇمىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەركىم ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىش، سىستېما بىلەن بۆلەكنى ئايرىش، تەكرار مەبلەغ سېلىش، تەكرار قۇرۇلۇش قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

  «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «ئىچكى- تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇش، نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ماسلىشىش»خىزمەت تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن، بىر تەرەپتىن يىراققا نەزەر تاشلاپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنى ياخشى تۈزۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، دىققەتنى رېئال مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى بۆسۈش قىلىپ، ئىمكانقەدەر تېز ئۈنۈم كۆرۈش كېرەك. 2017- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ ئىچكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتى ئاساسەن تاماملىنىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈش، ئورتاق پايدىلىنىش بەزى ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، بەزى چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان، باغلىنىش ئېھتىياجى بار مۇھىم ھۆكۈمەت ئۇچۇر سىستېمىسى ئالاقىسى راۋانلاشتۇرۇلىدۇ. 2018- يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ ئىچكى ھۆكۈمەت ئۇچۇر سىستېمىسى بىر تۇتاش دۆلەت سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ، جايلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆز رايونىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇر سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈش، ئورتاق بەھرىلىنىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى بىلەن جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇر سىستېمىسى ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر