باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تېلېگرامما ئەۋەتىپ دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىپ ئېلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2017.05.19 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ماي ئەتىگەن سائەت 10 لەردە، ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن 300 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىكى شېنخۇ سۇ تەۋەسىدە «كۆك كىت 1-نومۇرلۇق» بۇرغىلاش سۇپىسىدا، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، پارتگۇرپپىسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت يەر باش مۇپەتتىشى جياڭ دامىڭ دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىپ ئېلىشتا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى جاكارلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تېلېگرامما ئەۋەتىپ، بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە قاتناشقان ھەر قايسى تەتقىقات، سىناق ئورۇنلىرى ۋە خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم بايلىق مىقدارى دۇنيا بويىچە %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان، ئېچىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان سېغىزلىق ئەشمە قۇم تىپىدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىسىنى بىخەتەر، كونترول قىلغىلى بولىدىغان ھالەتتە ئېلىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇشى. چارلاشتا كۆرسىتىلىشىچە، جەنۇبىي دېڭىزدىكى شېنخۇ سۇ تەۋەسىدە 11 كاللەك رۇدا بولۇپ، كۆلىمى 128 كىۋادرات مېتىر، بايلىق زاپاس مىقدارى 150 مىليارد كۇب مېتىر كېلىدىكەن، بۇ 150 مىليون توننا نېفىت زاپىسىغا باراۋەركەن.

  تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىسى كۆيۈشچان مۇز دەپمۇ ئاتىلىدۇ، سۇ ۋە تەبىئىي گازنىڭ يۇقىرى بېسىم، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا شەكىللەنگەن مۇزسىمان تۈردىكى كىرىستال ماددا بولۇپ، بىر كۇب مېتىر كۆيۈشچان مۇز پارچىلانغاندىن كېيىن تەخمىنەن 0.8 كۇب مېتىر سۇ ۋە 164 كۇب مېتىر تەبىئىي گاز قويۇپ بېرىدۇ. كۆيۈشچان مۇز كۆيۈشچانلىقى يۇقىرى، بۇلغىمىسى ئاز، زاپاس مىقدارى كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، ھەر قايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن كەلگۈسىدىكى نېفىت، تەبىئىي گازنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سەپلىمە ئېنېرگىيەسى دەپ قارالغان.

  جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى 10-مايدىن باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىكى شېنخۇ سۇ تەۋەسىدە چوڭقۇرلۇقى 1266 مېتىر كېلىدىغان دېڭىز ئاستىدىكى 203 ـــ 277 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىسى كان ياتمىسىنى ئېچىپ تەبىئىي گاز ئالدى. 17-ماي سائەت 15كىچە، 120 مىڭ كۇب مېتىرنى سىناق قىلىپ ئېلىپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 35 مىڭ كۇب مېتىر، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 16 مىڭ كۇب مېتىردىن ئارتۇق ئالدى، ئۇنىڭدىكى مېتان مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %99.5كە يېتىپ، مۆلچەر نىشاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، گازنى ئۈزلۈكسىز، مۇقىم شەكىللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىسى كان ياتمىسىنى ئېچىشتا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى، شۇنداقلا نەزەرىيە، تېخنىكا، قۇرۇلۇش ۋە مۇئەسسەسەلەردە زور يېڭىلىق ياراتتى. بۇ نەتىجە دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، شۇنداقلا دۇنيا ئېنېرگىيە تەمىنلەش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشتە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر