باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ باۋئەننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا سوت ئېچىلدى

2017.05.12 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياكۇ شەھىرى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە 11- ماي دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ باۋئەننىڭ پارا ئېلىش دېلوسى ئۈستىدىن ئاشكارا سوت ئېچىلىپ سوت قىلىندى. جاڭجياكۇ شەھىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم ئەۋەتىپ قاتناشتۇرۇپ ئەيىبلەشنى قوللىغان، جاۋابكار ۋاڭ باۋئەن ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىلىرى سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشقان.

  خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياكۇ شەھىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: 1994- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە، جاۋابكار ۋاڭ باۋئەن دۆلەت باج باش ئىدارىسى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كاتىپى، مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى (ۋەزىپە بىلەن چېنىققان)، مالىيە مىنىستىرى ياردەمچىسى ۋە مۇئاۋىن مىنىستىرى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىللەردە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ياكى ھوقۇق، مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە جەھەتتىكى باشقا ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، باشقىلارغا تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ بېرىش، كەسپىنى ھۆددىگە ئېلىش ۋە ۋەزىپە تەڭشەش قاتارلىق ئىشلاردىن پايدا ئالغان، بىۋاسىتە ياكى باشقا تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان. ئۇ يىغىۋالغان ھارام مال-مۈلۈكلەرنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا، قىممىتى 151 مىليون 280 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ۋاڭ باۋئەننىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىنىڭ قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر