باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ناتوغرا ئىستىلغا ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسىگە ئائىت 71 دېلو ئۈستىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2017.05.12 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ماي، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ناتوغرا ئىستىلغا ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسىگە ئائىت 71 دېلو ئۈستىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئۇ دېلولار مەملىكەت بويىچە 28 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قاتارلىقلاردا يۈز بەرگەن. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان مەزكۇر دېلولار ئىچىدە، «مالىيە مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش»، «دېھقانلارغا ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشكە، چارۋىچىلىققا ياردەم بېرىشكە ئاجرىتىلغان مەبلەغلەرنى ئىگىلىۋېلىش»، «تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش تولۇقلىمىلىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش» دېگەندەك، يەنى، ئاممىنىڭ تولۇقلىما پۇللىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتەك دېلولاردىن 48ى بار بولۇپ، ئۇ دېلولار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلولارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى خىيانەتچىلىك مەسىلىدىن ئالتىسى بار.«نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغان»، «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تۈر مەبلىغىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىلتىماس قىلغان» دېگەندەك مەسىلىلەرمۇ بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر