باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى توپ كوماندىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى

دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ئاسىيا بويىچە 9- ئورۇندا تۇردى

2017.05.05 13:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 4- ماي ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بىر سان توپ كوماندىسى رەت تەرتىپىدە، بىرازىلىيە كوماندىسى داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، جۇڭگو كوماندىسى ئاسىيا بويىچە 9- ئورۇندا تۇردى.

  ئالدىنقى بىر سان بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ سانلىق ئەڭ ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرغان كوماندىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. ئالدىنقى ئايدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بىرازىلىيە كوماندىسى داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، ئارگېنتىنا كوماندىسى، گېرمانىيە كوماندىسى، چىلى كوماندىسى بىلەن كولومبىيە كوماندىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ئورۇندىن بەشىنچىگىچە بولغان ئورۇندا تۇرغان.

  ئاسىيا توپ كوماندىسى جەھەتتە، ئاسىيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىران كوماندىسى 28- ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، جۇڭگو كوماندىسى 425 نومۇر بىلەن 81- ئورۇنغا تىزىلىپ، ئاسىيا بويىچە 9- ئورۇندا تۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر