باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

【نوپۇزلۇق خەۋەر 】مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ 9- بىيۇروسى تەسىس قىلىندى

2017.05.05 11:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ 8- بىيۇروسى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە يېڭىدىن بىر ئىدارە دەرىجىلىك تارمىقى قۇرۇلدى، -- يەنى، 9- بىيۇروسى.

  مەزكۇر 9- بىيۇرو ئاساسلىق نېمە ئىش قىلىدۇ؟

  مەزكۇر 9- بىيۇرونىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى شۇكى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش، سىياسەت تەتقىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش-يېتەكلەش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەسئۇل بولۇش.

  ۋەزىيەت ئانالىزى جەھەتتە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ۋە جامائەت پىكرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش، مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى تۈزۈش.

  سىياسەت تەتقىقاتى جەھەتتە، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ سىياسەتلەر، مۇھىم مەسىلىلەر ۋە سەزگۈر مەسىلىلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى تەشكىللەپ، مەركەزگە خىزمەت تەدبىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.

  ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىدېئولوگىيە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدىن ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرنى يېتەكلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش.

  ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش جەھەتتە، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يىغىن، مۇھىم ھۆججەت ۋە مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى

  شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقى ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 ـ قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات كۆز قارىشى قاتارلىقلارنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ يامرىشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق ۋە مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق، ئىناق، ئاۋات، باي، مەدەنىي، ئىلغار، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشايلى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىدە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا

  مەزكۇر 9- بىيۇرو ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى يەنىمۇ قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر