- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 68 مەسىلىنى ئاشكارىلاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى
2017.05.04 16:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:3- ماي، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە «1- ماي تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش ۋە ئاشكارىلاش مەخسۇس سەھىپىسى»دە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 68 مەسىلىنى ئاشكارىلاپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بۇ 68 دېلو مەملىكەت بويىچە 29 ئۆلكە، رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە يۈز بەرگەن دېلولاردۇر. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان مەزكۇر دېلولار ئىچىدە، بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بايراملىق پاراۋانلىق تارقاتقان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات بەرگەن ۋە ئالغان دېگەندەك دېلولاردىن سەككىزى بار. مەكزۇر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش 1- ماي تاڭزۇڭزا بايرىمىدىكى «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىر قەدەر كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولىنى ئوينىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر