باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27-يىغىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قاراپ چىقتى

2017.04.27 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، 2016-يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاراپ چىقىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27-يىغىنى 26-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن گوۋۇيۈەننىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2016-يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالى بىلەن مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە قاراپ چىقىش پىكرى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  24- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، بۇ نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا يۇقىرىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. گوۋۇيۈەننىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىققاندا، يىغىنغا قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى ئەزالار ۋە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، قىسمەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىردەك مۇنداق قارىدى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشنى چۆرىدەپ، گوۋۇيۈەن، تارماقلار، جايلار نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەسلەپكى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياسىمىچىلىق تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە قىيىن نۇقتىسى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان بەزى قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر ۋە تۈزۈلمە مېخانىزمى مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىنمىدى. كېيىنكى باسقۇچتا، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى، ياسىمىچىلىقنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» نى بىر تۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، سەرخىللاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ، يېشىللاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى توپلاپ، يېڭى-كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش؛ يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش؛ قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەمەللەشتۈرۈپ، بازارلارنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىش تەرتىپىنى قوغداش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر