باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەشىر ھوقۇقىغا چېقىلىپ ئوغرىلىقچە نەشر قىلىشتەك قىلمىشلارغا زەربە بېرىشتىكى ئون چوڭ دېلو ئېلان قىلىندى

2017.04.27 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى 26- ئاپرېل نەشىر ھوقۇقىغا چېقىلىپ، ئوغرىلىقچە نەشر قىلىشتەك قىلمىشلارغا زەربە بېرىشتىكى مەملىكەتلىك 2016 ـ يىللىق ئون چوڭ دېلونى ئېلان قىلدى.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئۇ 10 چوڭ دېلو مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: «بوران-چاپقۇن ئەدەبىيات تورى»نىڭ يازما ئەسەرلەر نەشر ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلوسى؛ «echo سادا» يان تېلېفون يۇمشاق دېتالىنىڭ مۇزىكا ئەسەر ئۇچۇرلىرىنى توردا تارقىتىش ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلوسى؛«جۈپ توققۇز ھەجۋىي رەسىملەر» قاتارلىق تور بېكەتلىرىنىڭ ھەجۋىي رەسىم ئەسەرلىرى ئۇچۇرلىرىنى توردا تارقىتىش ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلوسى؛ ۋۇ فامىلىلىكنىڭ تور ئويۇنلىرى مەھسۇلاتلىرىنى نەشىر قىلىش ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلوسى؛ خۇيمېڭ فىلىم-تېلېۋىزىيە چايخانىسىنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلوسى؛ چىڭداۋ ۋىسالخانا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنىڭ نەشر ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلوسى؛ خو فامىلىلىك كىشىنىڭ ئوغرىلىقچە نەشر قىلىنغان كىتابنى سېتىش دېلوسى؛ گۇڭ فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ ئوغرىلىقچە نەشر قىلىنغان ئوپتىكىلىق دىسكا سېتىش دېلوسى؛ زۇ فامىلىلىك كىشىنىڭئۆزى ئوغرىلىقچە كىتاب نەشر قىلىش ۋە سېتىش دېلوسى ۋە جۇلان شىنخۇا ئوراش-قاچىلاش ماتېرىيال زاۋۇتىنىڭ ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىنى ئوغرىلىقچە بېسىش دېلوسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر