باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-پەسىلدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلدى

يېڭىدىن 3 مىليون 340 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر ياخشى بولدى

2017.04.26 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن 1-پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىرىدا يېڭىدىن 3 مىليون 340 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 160 مىڭ كىشى ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقىدىن تېز بولغان.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لۇ ئەيخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-پەسىللىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچلىرى ياخشى بولدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 7 مىليون 950 مىڭ ئىستۇدېنت ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈدىكەن، كۆلىمى بۇ يىل يېڭىدىن يېتىلگەن ئەمگەك كۈچىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ. ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يېڭى ئەھۋالى، يېڭى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، قاراتمىلىق سىياسەت-تەدبىرلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئۇزاق مەزگىل ئىشسىز قالغان قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارغا «بىر ئادەمگە بىر خىل تەدبىر قوللىنىش» تەك مەخسۇس تۈر بويىچە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى خىزمەت ئۇچۇرى بىلەن ئالدىن تەمىنلەپ، تەربىيەلەش-پىراكتىكا قىلىشقا ئالدىن تەشكىللەپ، ئىگىلىك تىكلەش ياردىمى بىلەن ئالدىن تەمىنلەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر