باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ئاشقازان راكى بىمارلىرى ھەر يىلى يېڭىدىن 680 مىڭ كىشى قوشۇلۇپ كۆپىيىۋاتىدۇ

2017.04.21 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلغان 12- نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاشقازان راكى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە: ئېلىمىزدىكى ئاشقازان راكى بىمارلىرى يىلىغا يېڭىدىن 680 مىڭ كىشى قوشۇلۇپ كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇلار يەر شارى بويىچە پەيدا بولغان ئاشقازان راكىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ قىسىم بىمارلار دىياگنوز قويۇلغاندا، ئاللىقاچان ئاشقازان راكىنىڭ ئىلگىرىلەش مەزگىلىگە كىرىپ بولغان ۋاقتى ئىكەن.

  بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ رەئىسى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى جى جيافۇ پىروفېسسور تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىغىن، ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىلغاپ تەكشۈرۈش، كېسەللەرنى تىزىملاش، ئاشقازان چىقىش ئېغىزىنىڭ بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېريە بىلەن يۇقۇلمىنىشىنى داۋالاش، ئېندوسكوپ ئارقىلىق بالدۇر دىياگنوز قويۇش، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش، خىمىيەلىك داۋالاش ۋە يېڭىدىن تەرەققى قىلىۋاتقان ئۇسۇل بويىچە داۋالاش، يەنى ئىممۇنىتېتلىقنى نىشان قىلىپ داۋالاش دېگەندەك ھەر تۈرلۈك داۋالاش ئۇسۇللىرىغا ئەتىراپلىق ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت، ئاخىرقى مەزگىلىدىكى پىسخىك مەدەت بېرىش ۋە جۇڭگوچە داۋالاش دېگەندەك ئۇسۇللارغا، ھەمدە ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانلىرىدىكى ھەر قايسى ھالقىلارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇ ئارقىلىق، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنى ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك خەرىتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇداپىئە كۆرۈش جەھەتتە، تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئىلمىي ماتېرىياللىرى ئارقىلىق، كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكەلنى ئالدىغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر