- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئۆي-زېمىن تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈمى 4- ئايدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلۈشى مۇمكىن، دېدى
2017.04.18 15:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ شېڭيوڭ 17-ئاپرىل مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆي-زېمىن تەڭشەش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى 17-مارت ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندىن بۇيان، ئۆي باھاسى ۋە باشقا تۇرالغۇغا ئالاقىدار كۆرسەتكۈچلەرگە بولغان تەسىرى 4-ئايدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
1-پەسىلدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۆي-زېمىن تەرەققىياتىغا سېلىنغان مەبلەغ %9.1 ئاشتى، 1-ئايدىن 2-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %0.2 تېز بولدى، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىلدىكىدىن %2.2 تېزلىتىلدى. ماۋ يۇڭشېڭ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدا ئىككى سەۋەب بار: بىرىنچى، ئۆي-زېمىنگە مەبلەغ سېلىشتا دەۋرىيلىك بار، كارخانىلارنىڭ ئۆي-زېمىنگە مەبلەغ سېلىشتا بەلگىلىك ئارقىدا قېلىش بار. بۇ يىلقى 1-پەسىلدىكىدىن قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.5 ئاشتى. گەرچە بۇلتۇرقى يۇقىرى سەۋىيەدىن سەل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن سۈرئىتى يەنىلا تۆۋەن ئەمەس، كارخانىلاردا يەنىلا مەبلەغ سېلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بار. ئىككىنچى، نەقلەشكەن مەبلەغدىن قارىغاندا، 1- ئايدىن 3-ئايغىچە، ئۆي-زېمىنگە مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرىنىڭ نەقلەشكەن مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر ياخشى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر