باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئومۇمىي خەلقنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىنى تىزىملاش خىزمىتى بۇ يىل پۈتۈن ئۆلكىلەردە يولغا قويۇلىدۇ

2017.03.29 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2017- يىلى پۈتۈن ئۆلكىلەردە ئومۇمىي خەلقنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىنى تىزىملاش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تەۋەلىكىدىكى بارلىق نىشان كىشىلەر توپىغا يۈزلىنىپ تىزىملاش خىزمىتىنى تاماملاپ، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشنى تىزىملاش سانلىق مەلۇماتلار ئۆلكە دەرىجىسىدە مەركەزلىك باشقۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىسى بويىچە ئومۇمىي خەلقنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىنى تىزىملاش ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇش ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ تىزىملاش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تورلاشتۇرۇپ ئامبارغا كىرگۈزۈش خىزمىتىنى تاماملاش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار تىزىملاش ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى ۋە تاشقى ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرۇپ، ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ۋە ئائىلىلەرگە كىرىپ نوپۇس تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تىزىملاش سانلىق مەلۇماتلارنى «ئامبارغا كىرگۈزۈش» خىزمىتىنى تاماملاپ، ھەمدە بىرلەشتۈرۈپ، «بەش سۇغۇرتىنى بىرلەشتۈرۈش» كەسپىي ئۇچۇر سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك سانلىق مەلۇماتلارنى كەڭ كۆلەمدە مەركەزلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تىزىملاش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مەركەزلىك باشقۇرۇشىنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر