باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ فاڭشەن رايونى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا ھەر يىلى 60 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى بېرىدىكەن

2017.03.29 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن فاڭشەن رايونى يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، فاڭشەن رايونى ھەر يىلى 60 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ئىش ئورنى ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويماقچى ئىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە بېرىلگەن ئەڭ يۇقىرى ئىش ئورنى تۇرمۇش ياردەم پۇلى 3200 يۈەنگە يېتىدىكەن. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2017- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن بۇرۇن ياردەم پۇل ھەر قايسى ئورۇنلارغا ئاجرىتىپ بېرىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە ئىشتاتلىق ۋە ئىش ئورنىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىمقى يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى ئىش ئورنى تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسى ئىچىدە ئىكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، فاڭشەن رايونى يەنە مۇناسىپ يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھاتنى باشلىماقچى، مەسىلەن، يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانى ۋە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش تىپىدىكى ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش تەلىپىنى يولغا قويۇش، ھەمدە فاڭشەن رايونى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش جەريانىدا بۇ خىل ئىسلاھاتنى يولغا قويغان؛ يەنە ئىشتات باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئوقۇتقۇچى ساقلانما خىزمىتىنى جانلاندۇرۇپ يولغا قويۇش، ئىش ئورنىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق، يېزا-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىشتاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ھېسابات قىلىش، مەكتەپ ھالقىپ ئوقۇش قاتارلىقلار بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر