- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
125 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى
2017.03.29 15:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئۆلچەم كومىتېتى 27-مارت " تەرەت قاچىسى سۇ ئۈنۈمى چەك قىممىتى ۋە سۇ ئۈنۈمى دەرىجىسى" قاتارلىق 125 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمىنى تەستىقلاپ ئېلان قىلدى. يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ئۆلچەم ئاساسلىقى ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، سانائەت تور بېكىتى، ۋىدېيولۇق نازارەت قىلىش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.
ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش جەھەتتە، " تەرەت قاچىسى سۇ ئۈنۈمى چەك قىممىتى ۋە سۇ ئۈنۈمى دەرىجىسى"دىن ئىبارەت مەجبۇرىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن، تەرەت قاچىسى سۇ ئۈنۈمى چەك قىممىتى يەنىمۇ چىڭىتىلدى، ئوتتۇرىچە سۇ ئىشلىتىش مىقدارى 7.2 لىتىردىن 6.4 لىتىرغا چۈشۈرۈلدى. بۇ ئۆلچەم يولغا قويۇلسا تەخمىنەن %20 قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى شاللىنىدۇ، يىلىغا 120 مىليون توننا سۇ تېجەپ قىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر