- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپرېلدىن تارتىپ قىسمەن ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند بىكار قىلىنىدۇ ۋە تەڭشىلىدۇ
2017.03.24 15:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، 1-ئاپرېلدىن تارتىپ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قىسمەن فوندلارنى بىكار قىلىپ ۋە تەڭشەپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ-بۇ يىل 200 مىليارد يۈەن ھەقنى ئازايتىش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قېتىم ئازايتىلىدىغان ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1-شەھەر جامائەت ئىشلىرى قوشۇمچە فوندى ۋە يېڭىچە تام ماتېرىياللىرى مەخسۇس فوندى بىكار قىلىنىدۇ؛ 2-مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى ئېلىش سىياسىتى تەڭشىلىپ، كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى چېكى بېكىتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر