باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016- يىلى ئېلىمىزدە زەھەر دېلوسىدىن 140 مىڭ دېلو پاش قىلىندى

2017.03.24 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016- يىلى ئېلىمىزنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2017 جۇڭگو زەھەر چەكلەش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2016- يىلى مەملىكەتلىك زەھەر چەكلەش قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى زەھەر جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن 140 مىڭ دېلونى پاش قىلىپ، 168 مىڭ نەپەر زەھەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان، خېروئىن، مۇزسىمان زەھەر ۋە كېتامىن قاتارلىقلاردىن 82.1 توننا ھەر خىل زەھەرلەر قولغا چۈشۈرۈلگەن؛ زەھەر ياساشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى ياساش جىنايىتىدىن 449 دېلو پاش قىلىنىپ، 1584.6 توننا زەھەر ياسايدىغان بۇيۇملار قولغا چۈشۈرۈلگەن.

  2016- يىلى دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا زەھەر چەكلەش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتىكى تەسىرى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. جۇڭگو يەنە شەرقىي ئاسىيا ئىككىلەمچى رايونى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ رامكىسى ئاستىدا زەھەر چەكلەش ھەمكارلىقىغا پائال قاتناشتى ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلدى، لائوس، بىرما، تايلاند، كامبودژا ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر ئارا 2- باسقۇچلۇق «ئامانلىق يولى» بىرلەشمە زەھەر تازىلاش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى؛ ئاۋسترالىيە بىلەن بىرلىكتە زەھەر چەكلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 2.65 توننا زەھەرنى قولغا چۈشۈردى. ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئاخبارات ئالماشتۇرۇپ تۇردى ۋە قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى.

  2016- يىلى، مەملىكەت بويىچە 200 مىڭدىن ئارتۇق مەكتەپنىڭ 150 مىليون نەپەر ئوقۇغۇچىسى زەھەر چەكلەش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلىنىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەرنىڭ زىيىنىغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتتى. مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك نۇقتىلىق تۈزەش رايونىدىن 19 رايوندا ئۇلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىغا بىۋاسىتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، ئاگاھلاندۇرۇش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش دېگەندەك جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىلغان بولۇپ، نەتىجىدە، 725 ئادەم زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ئىشلەش يېتەرلىك بولمىغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇلارغا جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تەدبىرلىرى قوللىنىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر