باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ «13-بەش يىل» نىڭ تۇنجى يىلى ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىلدى

2017.03.03 14:30   مەنبە: خەلق تورى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ «13-بەش يىل» نىڭ تۇنجى يىلى ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 2-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا، ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ گوچىڭ جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىغا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ گوچىڭ مۇنداق دېدى: 2016-يىلى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى تۇنجى يىل، شۇنداقلا 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان تۇنجى يىل بولۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشنى چۆرىدەپ، «13-بەش يىل» نىڭ ياخشى باشلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. يىغىن قارالمىسى بويىچە يىغىندا ئۈچ قېتىم سۆز قىلىنىپ، ئۈچ مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلىدۇ.

  ۋاڭ گوچىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنى 3-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە خەلق سارىيىدا ئېچىلىپ، 13-مارت چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدىكەن.

  ۋاڭ گوچىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۈچ قېتىم سۆز قىلىنىپ، 11 قېتىم گۇرۇپپا ۋە ساھەلەر بويىچە بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئېلىپ بېرىلىپ، ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى، مەدەنىيەتكە ئالاقىدار ئۈچ مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش باش تېمىسىدىكى بىر قېتىملىق تەكلىپ بېجىرىش كېڭىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھازىر يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى، سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش، يېپىلىش مۇراسىمى ۋە يىغىندا قىلىنغان ئۈچ قېتىملىق سۆز بىردەك جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئاشكارىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسى ۋە ساھەلەر بويىچە بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى، قىسمەن تەكلىپ، نۇقتىلىق تەكلىپ قاتارلىق ئۇچۇرلارنىمۇ ئالاقىدار تور بېكەتلىرىدىن كۆرگىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·1 مىليون 290 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسى تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى
    ·ئېلىمىز دۇنيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنى چىقىرىشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ۋە ئاسىيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدى…
    ·دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىنى «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالدىن ئىلتىماس قىلىش» نى بۇ يىل مەملىكەت ب…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەتىگەنلىك (چۈشلۈك) سالامەتلى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى 30 ماددىلىق چەكلەش بۇيرۇقىنى چىقار…
    ·19 نۇقتىلىق چوڭ شەھەردە بۇ يىل بارلىق  باشلانغۇچ مەكتەپتە، %95 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە رايون بويى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىل شارائىتى يار بەرگەن مەكتەپلەرنى ئالاقە تورى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى …
    ·30 مىليوندىن ئارتۇق ئىستۇدېنتنى باشقۇرۇشقا يېڭى قائىدە چىقىرىلدى (سىياسەتتىن يەشمە)
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىلىم-پەن دەرسلىرى باشقىدىن تەڭشىلىپ، 1- يىللىقتىن باشلاپ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئولتۇراقلىشىش كېنىشكىسىنى ئۆلچەم قىلغان ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنت…