باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بۇلتۇر 380دىن ئارتۇق يەر ئاستى سەرراپخانا چوڭ دېلوسىنى پاش قىلدى

2017.02.27 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-فېۋرال ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلى، مەملىكەت بويىچە ج خ ئورگانلىرى پاش قىلغان يەر ئاستى سەرراپخانا چوڭ دېلوسى 380دىن ئاشقان، 800دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشكەن بولۇپ، 500دىن ئارتۇق دېلو سادىر قىلىش ئۇۋىسى بىتچىت قىلىنغان، دېلوغا چېتىشلىق ئومۇمىي سومما 900 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاشقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2016-يىلى، يەر ئاستى سەرراپخانا جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى جۇڭگو خەلق بانكىسى، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، مەملىكىتىمىزدە چەت ئەللەردىكى شىركەت ۋە يەر ئاستى سەرراپخانىدىن پايدىلىنىپ، ھارام پۇل يۆتكەشكە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى كەڭ خەلق ئاممىسىغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: يەر ئاستى سەرراپخانا ئارقىلىق مەبلەغ يۆتكەش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، مەبلەغنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشى قاتارلىق زىيانلارنىڭ خەۋپ-خەتىرىگە دۇچ كېلىپلا قالماي، ھەتتا يەنە مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. چوقۇم قانۇنلۇق، مۇنتىزىم پۇل مۇئامىلە يوللىرى ئارقىلىق چېگرا ھالقىپ پۇل پېرېۋوت قىلىش، پۇل پېرېۋوت قىلىش قاتارلىق كەسپىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر