باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماكەي جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز دەپ تەكىتلىدى

2017.02.27 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ماكەي يېقىندا لياۋنىڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» ھەم «ياسىمىچىلىق بىلەن ئىنتېرنېتنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياسىمىچىلىقنى سىپىرلاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قاتارلىق ئەندىزىلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقنىڭ رىقابەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك.

  ماكەي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش-كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتتا پايدىلىق ئورۇننى ئىگىلەش، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. جايلار، تارماقلار ۋە بارلىق كارخانىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقتا چىڭ تۇرۇشنى جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسلىق تېرىشىش يۆنىلىشى قىلىپ، كارخانىلار سۇبيېكت بولۇش، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىجىل، چوڭقۇر تۈرتكە بولۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر