باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەرلىك ئىككى يىغىنلاردا خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى

2017.02.27 15:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەينى-كەينىدىن يېپىلغان 2017-يىللىق يەرلىك ئىككى يىغىنلارنى ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشقان دېيىشكە بولىدۇ. يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان يەرلىك جايلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتلىرىغا ئىنچىكە نەزەر سالساق، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ھەر بىر سان-سىفىرنىڭ كۆپىيىشى ياكى ئازىيىشى، ھەر بىر ئورۇندىكى ئۆزگىرىش ھەققىدىكى بايانلارنىڭ مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  سېلىنما ئازايتىلماستىن كۆپەيتىلدى، ئەلنەپ تەدبىرلىرى ئەمەلىي بولدى، سىياسەتلەر دەل جايىدا يولغا قويۇلدى. خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، زور بىر تۈركۈم ھەقىقىي، ئەمەلىي خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى كەينى-كەينىدىن يولغا قويۇلدى ھەم ھەر بىر ئاددىي ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغىچە ئەمەلىيلىشىشكە باشلىدى.

  كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كەپىلىك مەھەللىلەردىن ئۆزگەرتىلگەن 410 مىڭ يۈرۈش ئۆيدە يېڭىدىن ئىش باشلاندى؛ يېزا ئىچىملىك سۈيىنى بىخەتەر قىلىپ پۇختىلاش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، بۇنىڭدىن ئىككى مىليون ئادەم نەپ ئالىدۇ؛ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزىدىن 606 سى قۇرۇلدى؛ ئۆلكىلەر ئارا ئەمگەك ھەمكارلىقىنى تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئېشىندى ئەمگەكچىدىن بەش مىليوندىن ئارتۇقى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يەرلىك جايلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتلىرىنى بىرمۇ-بىر ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، ھەر خىل سان-سىپىرلار دائىم كۆزگە چېلىقىدۇ. قارىماققا قۇرۇقتەك كۆرۈنىدىغان بۇ سان-سىپىرلارنىڭ كەينىگە نۇرغۇن ھەقىقىي نەتىجىلەرگە يوشۇرۇنغان. مەھەللە دوختۇرخانىسى ۋە كەنت شىپاخانىسىنى كۈچەيتىش تۈرىنىلا مىسالغا ئالساق، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بۇ يىل ئۈچ مىليارد 630 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 1508 تۈرنى يولغا قويىدۇ. بۇ يىل يولغا قويۇلىدىغان 33 مۇھىم خەلق تۇرمۇشى سىياسىتىگە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ئاجراتقان مەبلەغ 30 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ.

  يەرلىك ئىككى يىغىنلاردىكى خەلق تۇرمۇشى بايانلىرى-كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تەدرىجىي ئۆزگىرىش جەريانى، يەنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بارغانسېرى كونكرېت قىلىش، تىل بىلەن ئىپادىلەشنى بارغانسېرى ئىنچىكە، ئېنىق قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

  گۈيجۇ ئۆلكىسى جامائەتچىل ئىش ئورنىغا ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار 60 مىڭ ئادەمنى ئورۇنلاشتۇردى، يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن 25 مىڭ نامرات نوپۇسنى ئېكولوگىيە ئورمان مۇھاپىزەتچىسى قىلىدۇ؛ تيەنجىن شەھەر-يېزا يەسلىسىدىن يۈزنى يېڭىدىن سالدى ياكى دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، 200 مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتىپىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزا ئىچىملىك سۈيىنى بىخەتەر قىلىپ پۇختىلاش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن سۇ بىلەن 550 مىڭ ئادەمگە نەپ يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  نامراتلارنى دەل يۆلەشمۇ بۇ يىللىق يەرلىك ئىككى يىغىنلارنىڭ مۇھىم قارالمىسى بولدى. تەرەققىي قىلمىغان جايلار نامرات نوپۇسنى يۆلەشنى كۈچەيتتى. بۇ جايلار پەقەت يەنە بىر ئائىلە، ھەتتا بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا، بىز خاتىرجەم بولالمايمىز دېيىشتى.

  جياڭشى ئۆلكىسى ئون چوڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىلدا 700 مىڭ ئادەم، مىڭ نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزدى، ئالتە نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. يۈننەن ئۆلكىسى بەش بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، 29 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، 1100 نامرات كەنت، بىر مىليون نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزدى. چىڭخەي ئۆلكىسى نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىنى يېڭىلاپ، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي، دەل جايىدا قوللىنىپ، 11 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، 500 نامرات كەنت، 140 مىڭ نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر