باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھۆل-يىغىن بولۇپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى

2017.02.22 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە 20-فېۋرالدىن 23-فېۋرالغىچە، ئېلىمىز بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەمدىكى يامغۇرلۇق، قارلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك زېمىنىدا يامغۇر، قار ياغدى. مەركىزى ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ باش ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچىسى سۈن جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىمىدىكى رايونلارغا يېتىپ باردى. ئېلىمىزنىڭ شىمالدىكى رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.

  مەركىزى ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ باشقا ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە 20-فېۋرالدىن 22-فېۋرالغىچە شىنجاڭ، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن سەككىز سېلسىيە گىرادۇس، بەزى رايونلاردا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 12 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدىكەن، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمىدا قۇم بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

  سوغۇق ھاۋا ئېقىمى 23-فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىكەن، ئەمما 24-فېۋرال ئەتىگەندە جەنۇبتىكى قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەنلەيدىكەن.

  بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا كەلتۈرۈپ چىقارغان يامغۇرلۇق، قارلىق ھاۋارايىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە: 1-ھۆل-يىغىن دائىرىسى كەڭ، ئېلىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھۆل-يىغىن بولدى. 2-كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى كۈچلۈك. شىمالدىكى رايونلار بولۇپمۇ شەنشى، سەنشى، خېنەندە قېلىن قار ياغدى، ھەتتا شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر