باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلارنىڭ ئىككى يىغىنىدا ئېنېرگىيە تېجەش بۇلغىما ئازايتىش، يېشىل تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى

2017.02.22 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئارقا ئارقىدىن ئېچىلغان جايلارنىڭ ئىككى يىغىنىدا ئېنېرگىيە تېجەش بۇلغىما ئازايتىش، يېشىل تەرەققىيات ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى. ۋەكىللەر ۋە ئەزالار تۈتەك، سۇنى تىزگىنلەش، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش، دۆلەت زېمىنى يېشىللاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە كەڭ كۇشادە سۆزلىشىپ، تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى. ھەر قايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا يېشىل تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بىر قەدەر كۆپ ساننى ئىگىلىدى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرىدە PM2.5نىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى ئۆتكەن يىلدىكىدىن تەخمىنەن %18 تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شۇڭا بېيجىڭ شەھىرى پۈتۈن بىر يىلدا كۆمۈر يېقىلغۇسىنى %30 ئازايتىش، كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن 300 مىڭنى شاللىۋېتىش، يېڭى ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش ئورنىدىن 3000 نى يېڭىدىن قۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن 18 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سالىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىل ئىنتايىن چىڭ بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى پائال يولغا قويۇپ، دەريا كۆللەرنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش قانۇن بويىچە كۈچەيتىلىدۇ. سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتىكى ئۈچ چەك قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ؛ زور پىلان، تۈرلەردە سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە قوغداشنى دەلىللەش تۈزۈمى كۈچەيتىلىدۇ. ئىشلىتىلگەن سۇ ئومۇمىي مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن رايونلار تېرىلغۇ يەر ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان يەرنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىش، سۇ تېجەش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنى مەنئى قىلىش، يېڭىدىن چىقىرىدىغان سۇ مىقدارىنى كۆپەيتىش تەرەققىيات قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاشقا چەك قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەر قەتئىي يولغا قويۇلىدۇ.

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دەريا باشلىقى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنى بۇلغاش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىلىپ، ئانا دەريا قەتئىي قوغدىلىدۇ.

  جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەر بازارلاردىكى ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە ئەخلەتلەرنى تۆكۈش مەيدانلىرىنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش تېزلىتىلىپ، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ.

  گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭىدىن 2 مىليون 280 مىڭ مو يەرگە ئورمان ئەھيا قىلىنىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %59 گە،شەھەر رايونىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %42 گە يەتكۈزۈلىدۇ.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك تۈزۈم قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك ئىقتىدار رايونى پىلانى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيە قوغداش چېكىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ.تۈرلەرنى سېلىشتۇرۇپ باھالاش بىلەن پىلاننى سېلىشتۇرۇپ باھالاش بىرلەشمە مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودىسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى تېزلىتىلىدۇ. مۇھىت قوغداش فوندىنىڭ يېتەكچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنى 3-تەرەپ تىزگىنلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيە مۇھىت ئاسراش كەسپى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.

  جايلاردىكى ئىككى يىغىن ئەمدىلا ئاياغلىشىشى بىلەن كۆپلىگەن جايلار ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىش تەقسىمات لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىپ، يولغا قويۇشقا جىددىي تۇتۇش قىلدى.

  يېشىل تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئېھتىياتچان بولۇش، ئۇزۇن مەزگىل تۆھپە قوشۇش كېرەك. جايلار ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئېكولوگىيەنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت قوش يېڭىش يولىدا مېڭىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر