باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە 13 ئۆلكىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى بېكىتىلدى

2017.02.22 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى «ئېكولوگىيەنى باشقۇرۇش قىزىل سىزىقىنى ئايرىش ۋە قاتتىق قوغداش توغرىسىدا بىر قانچە پىكىرنى» بېسىپ تارقىتىپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى ئايرىشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش، چېگرانى ئايرىپ بەلگە بېكىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى تۈزۈمىنى ئاساسەن ئورنىتىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە گۈيجۇ، سىچۈەن، سەنشى قاتارلىق 13 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى قوغداش دائىرىسىنى بېكىتكەن ياكى دەسلەپكى باسقۇچتا ئايرىم ھەمدە مۇناسپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىققان.

  مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، كۆلەمدىن قارىغاندا، ھەر قايسى ئۆلكىلەر بېكىتكەن ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى قوغداش رايونىنىڭ كۆلىمى دۆلەت زېمىنىنىڭ %30 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

  ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئاخىرقى چەك ۋە ھاياتلىق چېكى. ئايرىغاندىن كېيىن ئۇنى ئازايتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا «پىكىر» دە «ئېكولوگىيەنى باشقۇرۇش قىزىل سىزىقىنى ئايرىغاندىن كېيىن، كۆپەيتىشكە بولىدۇكى ئازايتىشقا بولمايدۇ» دېگەندەك قاتتىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇتەخەسسىسلەر شۇنى سەمىمىزگە سالىدۇكى جايلار قىزىل سىزىقنى ئايرىش كۆلەم نىسبىتىدە كۆلەم ۋە نىسبەتنىلا قوغلىشىپ، ناچارنى ياخشىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەسلىكى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر