باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار تەدبىر ئېلان قىلىپ، شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى

2017.02.21 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 20-فېۋرال مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، گوۋۇيۈەن 2016-يىلى 7-ئاي « ناھىيە تەۋەسىدىكى شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن، جايلار پائال ھەرىكەتلىنىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆججەتتىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن. چوڭ سىنىپنى تۈگىتىش مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىپ، چوڭ سىنىپنى تۈگىتىش پىلانىنى يولغا قويغان؛ قىسمەن رايونلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەڭشەش جەريانىدا كۆرۈلگەن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش، ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاش مەسىلىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەش بويىچە مەخسۇس ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان؛ مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ياردەم پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئېلان قىلىپ، «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىرنى تولۇقلاش» ۋە ھەربىر ئوقۇغۇچىغا توغرا كېلىدىغان ھۆكۈمەت خىراجىتى ئاساسىي نورمىسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆچۈشى بىلەن تەڭ يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇرغان؛ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە «بىرلىشىپ نازارەت قىلىپ، تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامانەت بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن؛ «ئوقۇشتىن توختاشنى كونترول قىلىپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە «يېزىلارنىڭ كىچىك كۆلەمدىكى مەكتەپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، يېزا مائارىپ خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە يېتەكچىلىك قىلغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جايلار گوۋۇيۈەننىڭ تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، لياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، يۈننەن، جياڭشى قاتارلىق ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)لەر يولغا قويۇش پىكرى ئېلان قىلغان، 20 نەچچە ئۆلكىنىڭ يولغا قويۇش پىكرى ھۆججىتى پىكىر ئېلىش ۋە قاراپ چىقىش باسقۇچىغا كىرگەن، يېقىندا ئېلان قىلىنىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر