باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى

2017.02.17 13:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئىچىدە ئەسلىگە كېلىۋاتقان، دۆلەت ئىچىدە ئۇزۇن مەزگىللىك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادىي مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلىدى ۋە ياخشىلاندى. نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋە زور سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمى داۋاملىق روشەنلەشتى؛ 2017-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىقتىسادنىڭ تۆۋەن چېكى مۇقىم بولۇشىغا ئەگىشىپ، كارخانا تارماقلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك قەرز ئېھتىياجى كۆپەيدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز پۇلنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %76.8 ئېشىپ، ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدىكىدىن 29.16 پويىنت يۇقىرىلىدى.

  ئەمەلىي گەۋدىلىك ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىشى يەنە ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى سېتىۋېلىش دىرېكتورلار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىدە گەۋدىلىنىدۇ. 1-ئايدا ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى سېتىۋېلىش دىرېكتورلار كۆرسەتكۈچى %51.3 گە يېتىپ، ئۇدا تۆت ئاي %51 دىن كۆپرەك ئېشىشنى ساقلاپ، 2012-يىلىدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى بولدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم بولۇشى يۈكسىلىش كۈچىدىن بولدى.

  تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات كۈچلۈك تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولدى. پولات تۆمۈر، كۆمۈرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش يىللىق ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاندى؛ تاۋارلارنىڭ ئامبار قالدۇقى تۆۋەنلىدى؛ بازارلاشقان قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىش بىلەن كارخانىلارنى قوشۇۋېتىپ قايتىدىن تەشكىللەش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ ئەمەلىي گەۋدىلىك ئىقتىساد تەننەرخى بىر ئاز تۆۋەنلىدى؛ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كەم كۇستىلارنى تولۇقلاش خىزمىتىدە ئىجابىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. يېزىلاردىكى 10 مىليوندىن كۆپرەك نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى؛ 2 مىليون 490 مىڭ نامراتنى كىشىنى كۆچۈرۈپ يۆلەش، 6 مىليون كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى ئورۇنلاندى؛ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە قۇتقۇزۇشنىڭ ئومۇمىيلىشىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيدى. تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلار تىز تەرەققىي قىلدى.

  ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز سەرخىللىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ھاياتى كۈچى يەنىمۇ ئۇرغىدى. مەركىزىي ھۆكۈمەت قاتلىمىدىن تەستىقلانغان كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرى %90 قىسقاردى. بازاردا شەكىللەنگەن تاۋار بىلەن مۇلازىمەت باھاسىنىڭ نىسبىتى %97 دىن ئاشتى. سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، بەش كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش، بىر گۇۋاھنامە بىر كود بولۇش يولغا قويۇلۇپ، كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش ئىسلاھاتى سىنىقى قانات يايدۇرۇلۇپ، مىكرو ئاساسى گەۋدىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، بازارنىڭ سودا مۇھىتى سەرخىللاشتۇرۇلدى. ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان كارخانا 15 مىڭغا يېتىپ، 2015-يىلىدىكىدىن 3000 كۆپىيىپ، جانلىقلىقىنى باشتىن ئاخىر تەخمىنەن %70 ساقلىدى.

  ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بىر تۈركۈم خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ۋە زور بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش سېلىندى. دۆلەت كارخانىلىرى، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش، باھا قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ تۇزچىلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، دۆلەت ئىلىكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانلىرى ۋە رايونلىرى ئىسلاھاتى، يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئىجتىمائىي ئىشلار ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقا ئارقىدىن تۈزۈپ چېقىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر