باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يىرېن: كېرەكسىز بۇيۇملارنى بىر تەرەپ قىلىش يەر ئاستى تەجرىبىخانىسى قۇرۇلىدۇ

2017.02.17 13:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت مۇداپىئە پەن تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاپپاراتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يىرېن 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە يۇقىرى قويۇپ بېرىشچان كېرەكسىز ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىش يەر ئاستى تەجرىبىخانىسى قۇرۇلىدۇ، دېدى.

  13-بەش يىللىق پىلان بويىچە، يۇقىرى قويۇپ بېرىشچان كېرەكسىز ماددىلارنى چوڭقۇر يەر قاتلىمىدا ساقلاش، چوڭقۇر يەر قاتلىمىدا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

  ۋاڭ يىرېن مۇنداق دېدى: كېرەكسىز ماددىلار نەچچە يۈز مېتىردىن چوڭقۇر، مۇقىم چوڭقۇر يەر قاتلىمىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت مۇھىتقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك، يۇقىرى قويۇپ بېرىشچان بۇ خىل كېرەكسىز ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىش دەۋرى نەچچە ئون مىڭ يىل بولىدۇ، ئۆزگىرىپ تەبىئىي ئۇران قويۇپ بېرىش سەۋىيەسىگە يەتكىچە نەچچە ئون مىڭ يىل ۋاقىت كېتىدۇ.

  ۋاڭ يىرېن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، يۇقىرى قويۇپ بېرىشچان كېرەكسىز ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش ئىستراتېگىيەسى تۈزۈلدى، ئالدى بىلەن ئورۇن تاللاش، بۇنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئورنىنى تاللاشتىنمۇ قېيىن. نۆۋەتتە، خەلقئارادا يۇقىرى قويۇپ بېرىشچان كېرەكسىز ماددىلارنى چوڭقۇر يەر قاتلىمىدا بىر تەرەپ قىلىش ئورنى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى، بېلگىيە، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيەلەر يەر ئاستى تەجرىبىخانىسىنى قۇرماقتا. شۇڭا بىز 13- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، 2- قەدەمدە يەر ئاستى تەجرىبىخانىسى قۇرۇشنى تاماملايمىز. يۇقىرى قويۇپ بېرىشچان يەر ئاستى تەجرىبىخانىسىنى تەتقىق قىلىپ سىناق قىلىش خىزمىتى ئارقىلىق ئاخىرىدا زاۋۇتنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ، يەر ئاستى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر