باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 1 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ يەرلەرنى تۈزەشكە ئىشلىتىدۇ

2017.02.17 13:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى رەتلەش ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ئېرىق قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلايدۇ. 13- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئېلىمىز يەرلەرنى تۈزەش ئارقىلىق 230 مىليون مودىن 310 مىليون موغىچە بولغان قۇرغاقچىلىق ھۆلچىلىك بولغاندىمۇ مول ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ئېرىقنى بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىلگىرىكى بىرلىك تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتى ۋە سانى ئاساس قىلىنغان يەرلەرنى رەتلەش سىياسىتىنى يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سۇپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۈزلەندۈرىدۇ. گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا قولاي بولغان يېزا كەنت قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلەرنى تۈزەش ئارقىلىق شەھەر يېزا قۇرۇلۇشىدا يەر ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش، ئاساسى ئېتىز ئېرىقلارنى ئىگىلىۋالماسلىق ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تېجەپ قېلىنغان، تۈزىتىلگەن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەردىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭى كەسىپ يېڭى ھالەتتىكى تەرەققىياتىنى پائال قوللايدۇ.

  پىلان بويىچە، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ مەركەز ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مالىيەدىن ھەمدە جەمئىيەت مەبلىغى قاتارلىقلاردىن يەرلەرنى تۈزەشكە جەمئىي 1 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدۇ. 12- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە 400 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك يېزا ئىگىلىكى ئېتىز ئېرىقىنى بەرپا قىلىش ئاساسىدا يەنە 400 مىليون مو ئېتىز بەرپا قىلىنىپ، 600 مىليارد مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ئېرىق بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىلدى، ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي ئېتىز ئېرىق سانى 800 مىليون مودىن 1 مىليارد موغا يەتكۈزۈلدى. ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئاشلىق بىلەن ئۆز ئۆزىنى تەمىنلەش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر