باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوقۇغۇچىلار ئورۇندۇقنى ئۆيىدىن ئېلىپ كېلىپ دەرس ئاڭلاش ھادىسىسى مۇتلەق كۆپ قىسىم رايوندا تۈگىتىلدى

2017.02.17 13:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-فېۋرال مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە: گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىش كومىتېتى ئىشخانىسى تەشكىللىگەن مۇپەتتىش گۇرۇپپىسى نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى خىزمىتىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى بايقىغان.

  ئىگىلىنىشىچە: گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىش كومىتېتى ئىشخانىسى قوش ئىختىيارى پىرىنسىپى بويىچە، دۆلەت مائارىپ مۇپەتتىشى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان 14 مۇپەتتىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 29 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئۈنۈمى، سۈپەت باشقۇرۇش، كاپالەت سىستېمىسى ۋە ئاشكارا ئېلان قىلىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈشتە مۇنۇلار بايقالدى: ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەركەز 97 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، يەرلىكنىڭ 230 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولغان.ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتى ياخشىلانغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا: ئۈچ يىلدىن بۇيان، جايلار ئىشنى قىيىنچىلىق ئەڭ ئېغىر ۋە شارائىتى ئەڭ ناچار مەكتەپلەردىن باشلاپ، ئاساسىي ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىغان؛ مائارىپ مەبلىغىنىڭ تەڭپۇڭ تەقسىملىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار، مەكتەپلەر ئارا پەرقنى زور دەرىجىدە كىچىكلەتكەن. ھازىرغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1824 ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇن مەجبۇرىيەت مائارىپ تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن باراۋەر بولۇشتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر