باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل 1-ئايدا ئىستېمال باھاسى %2.5 ئۆرلىدى

2017.02.15 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 1-ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5 ئۆرلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەرنىڭ %2.6، يېزىلارنىڭ %2.2 ئۆرلىدى. يېمەكلىك باھاسى %2.7، يېمەكلىكتىن باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى %2.5، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %2.2، مۇلازىمەت باھاسى %3.2 ئۆستى.

  1-ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %1 ئۆرلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەرنىڭ %1، يېزىلارنىڭ %0.9 ئۆرلىدى، يېمەكلىك باھاسى %2.3 ئۆستى.

  ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى-ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆلچەيدىغان نىسپىي سان بولۇپ، ئاھالىلەر سېتىۋالغان تۇرمۇش ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  بۇنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا، ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە بېكىتىلگەن تور نۇقتىلىرى تەكشۈرۈلىدۇ، ئادەم، نۇقتا، ۋاقىتنى بەلگىلەش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەخسۇس ئادەملەر تەكشۈرۈش تور نۇقتىلىرىغا بىۋاسىتە ئەۋەتىلىپ، دەسلەپكى باھاسىدىن باشلاپ ماتېرىيال يىغىلىدۇ. سانلىق مەلۇماتلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 500 ناھىيە، شەھەر، 88 مىڭدىن ئارتۇق باھا تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن ئېلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر