باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تىپىك دېلولارنى ئېلان قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى چەكلىدى

2017.02.14 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇشلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن دېلولارنى رەتلەپ، بەش تۈرلۈك تىپىك دېلونى تاللاپ چىقتى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان بۇ دېلولار ئىچىدە، بەزىلىرى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن دېلولار؛ بەزىلىرى تېرىلغۇ يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزغان دېلولار؛ يەنە بەزىلىرى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، پارا ئېلىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا قۇرۇلۇش قىلىشتەك ناتوغرا ئىستىلنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولغان دېلولار.

  كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان لى باۋجۈن، لۇ زۇفۇ، لى خەيلۇننىڭ «كولىغان يەر ئاستى ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش» تەك ئېغىر جاۋابكارلىققا ئىگە ھادىسە دېلوسى تىپىك دېلولار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭغا قارىتا، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى»دە پىلانلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن، ئۇنداقتا بىز«شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قانۇنىنى جىنايىي ئىشلار بويىچە جازالاش قانۇنى بىلەن باغلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، پىلانلاش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە باشقۇرۇشنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ بولغان قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاپ، مۇخالىپلارنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخىنى ئۆستۈرۈش»ىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر