باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى 4-ئايدا تۇنجى قېتىم ئۇچىدۇ

2017.02.14 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «ئالەم كېمىسى-1» ناملىق توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىشتىن بۇرۇنقى بارلىق تەتقىق قىلىپ ياسىلىش خىزمىتى تەرتىپ بويىچە ئىشلىنىپ، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تيەنجىن پورتىدىن يولغا چىقىپ، تەخمىنەن بىر ھەپتە دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا يۈرۈپ، 13-فېۋرال خەينەن ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا بىخەتەر يەتكۈزۈلۈپ، قويۇپ بېرىش مەيدان رايونىدا ئومۇميۈزلۈك قاچىلاش ۋە سىناش خىزمىتى ئورۇندىلىدۇ، 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا «ئۇزۇن سەپەر-7» ناملىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 2-توشۇغۇچى راكېتانى ھاۋاغا قويۇپ بېرىش پىلانلاندى.

  «ئالەم كېمىسى-1» ناملىق ئېلىمىزدە ياسالغان تۇنجى توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى يۈك بۆلمىسى ۋە ئىلگىرىلەش بۆلمىسىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10.6 مېتىر، بۆلمە گەۋدىسىنىڭ ئەڭ چوڭ دىيامېتىرى 3.35 مېتىر، يەلكەن ئېچىلغاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ كەڭلىكى 14.9 مېتىر، ئۇچۇش ئېغىرلىقى تەخمىنەن 13 توننا، ماددىي ئەشيالارنى بېسىپ يۈرۈش ئىقتىدارى تەخمىنەن ئالتە توننا، ئىتتەرگۈچنى ئارتتۇرۇش ئىقتىدارى تەخمىنەن ئىككى توننا، مۇستەقىل ئۈچ ئاي ئۇچۇش ئىقتىدارى ۋە «ئەرش ئوردىسى-2» ناملىق ئالەم بوشلۇقى تەجرىبەخانىسى بىلەن كېسىشىش ۋە چېتىشىش، ئىتتەرگۈچنى رېلىستا ئارتتۇرۇش، بوشلۇقتا ئىلمىي تەجرىبە ۋە تېخنىكا تەجرىبىسى ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە.

  ھازىر قويۇپ بېرىش مەيدانى ئەسلىھەلىرىنىڭ ھالىتى ياخشى، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ. پىلان بويىچە، «ئالەم كېمىسى-1» ناملىق توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلىدىغان «ئۇزۇن سەپەر-7» ناملىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 2-توشۇغۇچى راكېتا 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خەينەن ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر