باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2016-يىللىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە نەزەر

2017.02.04 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2-فېۋرال يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2016-يىلىدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى «ئىسلاھات سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىتەيلى» دېگەن مۇلاھىزىنى ئېلان قىلدى.

  مۇلاھىزىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2016-يىلى «قىيىنچىلىق ئالدىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت باتۇرانە روھ بىلەن كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يىراقنى كۆرەرلىك پاراسەت بىلەن قوماندانلىق قىلىپ، ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، بوشىشىپ قالماسلىق ئىرادىسى بىلەن مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، زور نەتىجىگە ئېرىشتى.

  مۇلاھىزىدە 2016-يىلىدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى تەپسىلىي ئەكس ئەتتۈرۈلدى، مۇلاھىزىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتقا چوڭقۇر تۈرتكە بولدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يىراققا نەزەر سېلىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تۈزۈم ئىسلاھاتىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىدىيە، قاراشلاردىكى توسالغۇلار، كەسكىن مەنپەئەت توساقلىرى، ئىلگىرى بۆسۈپ ئۆتەلمەيمىز دەپ قارالغان بىر قىسىم ئۆتكەللەرنى دادىللىق بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەل قىلىمىز دەپمۇ ھەل قىلالماي كەلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا سىستېمىلىق ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى تەڭكەش، يۈرۈشلۈك، بىر پۈتۈن ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلاھات سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى تەدرىجىي ئۆستۈردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا تەۋرەنمەي، بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىپ، خەلقنىڭ غېمىنى كۆپ يېدى.

  مۇلاھىزىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 80 نەچچە يىل بۇرۇن، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا كوممۇنىستلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەھرىمانە جاسارىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئېسىل شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان. 80 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھات بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدىغان جاسارەت، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىغا قاراپ ماڭىدىغان قەيسەرلىك، چاققان، كەسكىن ئىستىل بىلەن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى توققۇز مىليون 600 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق جۇڭگو زېمىنىدا قەتئىيلىك بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پۇقرالارنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسىنى جىلۋىلەندۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يەنىلا يۈگوڭنىڭ تاغنى يۆتكەش روھىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىنقىلابنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىش، ئىسلاھات يولىدا ئېغىشماي ئالغا بېسىش روھىغا موھتاج.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر