باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا تەتۈر قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئۆسۈم نىسبىتىنى ئازراق ئۆستۈردى

2017.02.04 16:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسى 3-فېۋرال چاغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بازاردا ئاشكارا تەتۈر قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش مەشغۇلاتىنى قىلىپ، ئوخشىمىغان قەرەلدىكى خېرىدار بولۇش ئۆسۈم نىسبىتىنى چاغاندىن ئىلگىرىكىدىن 10 نۇقتا ئۆستۈردى.

  تەتۈر قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش مەركىزىي بانكا بازارنى تۇراقسىز مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر خىل پۇل سىياسىتى مەشغۇلاتى، تەتۈر قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشتىكى خېرىدار بولۇش ئۆسۈم نىسبىتى پۇل بازىرى ئۆسۈم نىسبىتىنى يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پۇل مۇئامىلە تەتقىقات ئورنى بانكا تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇدىرى زېڭ گاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركىزىي بانكىنىڭ تەتۈر قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئۆسۈم نىسبىتىنى ئازراق ئۆستۈرۈپ، پۇل بازىرى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئازراق ئۆسۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى بۇ يىل «ئوتتۇرھال پۇختا» پۇل سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۈلۈك كۆپۈكىنى توسۇش ۋە پىشاڭسىزلاشتۇرۇشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر