باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىملىقنى ساقلايدۇ

2017.02.04 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا سېتىۋېلىش دىرېكتورلىرى كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كەسىپكارلار كۆرسەتكۈچى %49.2 بولۇپ، يەنىلا كېمىيىش دائىرىسىدە تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش مىقدارى ئازلىغان، لېكىن تۆۋەنلەش نىسبىتى كىچىكلىگەن. كەسىپكارلار كۆرسەتكۈچى ئۇدا نەچچە ئاي سېتىۋېلىش دىرېكتورلىرى كۆرسەتكۈچى ۋە كارخانىچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنىڭ كىرىتىك قىممىتىدىن تۆۋەن تۇرغان، كەسپىي زاتلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرىدى. بۇنىڭغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ھەر يىلى شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 10 مىليوندىن ئارتۇق ئىش ئورنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلە مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشتەك ئاساسىي ۋەزىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ.

  ئىستۇدېنتلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئوبيېكتى. لۇ ئەيخۇڭنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئىستۇدېنتلار 7 مىليون 950 مىڭغا يېتىپ، شەھەر-بازارلاردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچىنىڭ يېرىمدىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇنداق ۋەزىيەتتە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خىزمەتنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يېقىندا «ئىستۇدېنتلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يەنىمۇ يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» ئېلان قىلىنىپ، ئىستۇدېنتلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يېتەكلەيدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان ئۇزاق مەزگىللىك مېخانىزم ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ئىستۇدېنتلارنى يۆلەش-ئېچىشقا ئاتلىنىش، ئاساسىي قاتلام ئورگىنى، كەسپىي ئىش ئورۇنلىرى، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىقلارغا رىغبەتلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  جۇڭگو ئەمگەك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ خەينەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، «ئۈچكە ياردەم بېرىپ، بىرنى يۆلەش» پىلانى جەھەتلەردە يەنىمۇ تەپسىلىي سىياسەتلەر ئېلان قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يەنىمۇ زورىيىشى مۇمكىن. كەلگۈسىدە ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا مىقداردىن سۈپەتكە ئۆزگىرىش يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر