باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بانكا بىرلەشمە كارتىسى ئارقىلىق قىلىنغان سودا سوممىسى يېڭى رېكورت ياراتتى

سودا سوممىسى 462 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.1 ئاشتى

2017.02.04 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى 3-فېۋرال ئېلان قىلغان چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى بانكا بىرلەشمىسى تور سودىسى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بانكا بىرلەشمىسى تور سودىسى مىقدارى يېڭى رېكورت يارىتىپ، سودا سوممىسى 462 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.1 ئاشقان، سودا قېتىم سانى 343 مىليون قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە بانكا بىرلەشمە كارتىسى ئارقىلىق چېگرا سىرتىدا سودىلىشىش قېتىم سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشقان.جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىزچىسى چېن خەن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي ئىستېمال قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، يېمەك-ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، ساياھەت، سەپەرگە چىقىش قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئىستېمالى بايراملىق ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئاساسلىق يولى بولۇپ، ئامما بايراملىق ئىستېمالنىڭ ھەقىقىي ئاساسىي قوشۇنى ھېسابلىنىدۇ.

  تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىلار تېخىمۇ بىخەتەر، قولايلىق بولغان يېڭىدىن گۈللەنگەن چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى قوللاندى. بانكا بىرلەشمە كارتىسىنىڭ ئاز سوممىلىق مەخپىي نومۇرسىز سودا سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 165 ھەسسە ئېشىپ، سودىلىشىش قېتىم سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 55 ھەسسە ئاشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر