باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يولۇچى توشۇش مىقدارى 408 مىليون ئادەم/قېتىمغا يەتتى

2017.02.04 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئوقۇشىچە، دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە(1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە)، مەملىكەت بويىچە يولۇچى توشۇش مىقدارى 408 مىليون ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.1 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈر يول يولۇچى توشۇش مىقدارى 51 مىليون 990 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، %8.8 ئاشقان، تاشيول يولۇچى توشۇش مىقدارى 336 مىليون ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، %0.8 ئاشقان، سۇ تىرانسپورتى يولۇچى توشۇش مىقدارى 10 مىليون 350 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، %3.5 ئاشقان، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 9 مىليون 820 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، %14.9 ئاشقان. چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، مۇھىم دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيولى ۋە چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنىڭ يۈرۈش ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى بولغان، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەسى ۋە ئۇزاق ۋاقىت قاتناش قىستاڭچىلىقى بولغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالمىغان. چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى بىلەن ساياھەتكە چىققان يولۇچىلار ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن، كۈنمىڭ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن، ھەر كۈنى سەپەرگە چىققان يولۇچىلار 50 مىڭ ئادەم/قېتىمدىن ئاشقان. ئۈرۈمچى، خاڭجۇ، شاڭخەي، شىئەن، گۇاڭجۇ، شېنجېن، لىجياڭ قاتارلىق ئايرودۇرۇمدىن سەپەرگە چىققان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ تولۇش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %85تىن ئاشقان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر