باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇردى

2017.01.27 10:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېقىندا جايلار قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، ئارخىپ-كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەر، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، نامرات-مېيىپلار، قىيىنچىلىقى بار ۋە نەپىقە بېرىش-ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوبيېكتلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش لازىم. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش پۇل-ماللىرىنى چىڭ تۇتۇپ تارقىتىش لازىم. ھەر دەرىجىلىك پاراۋانلىق ئورۇنلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش ئاپپاراتلىرى، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوت ئاپىتى قاتارلىق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ھەقىقىي تۈگىتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ چاغان مەزگىلىدە يۇرتىغا مەركەزلىك قايتىدىغان ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ئاتا-ئانىلارنى يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلار ۋە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا بولغان ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتى ۋە بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشقا يېتەكلەش لازىم. تۇرمۇشىدا باشپاناھسىز قالغان سەرگەردان-تىلەمچىلەرنى قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتىپ، سىرتتا قونىدىغانلار مەركەزلەشكەن رايونىدا ئېچىۋېتىلگەن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش نۇقتىسى ۋە سوغۇقتىن ۋاقىتلىق پاناھلىنىش سورۇنى تەسىس قىلىپ، ئۇلارنىڭ يەيدىغان تامىقى، كىيىدىغان كىيىمى، سوغۇقتىن دالدىلىنىدىغان جايى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر