باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئۇچۇشنى كېچىكتۈرۈش تۆلىمىنىڭ ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى

2017.01.11 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال ئۇچۇشىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» بۇ يىل 1- يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. مەزكۇر بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشنى كېچىكتۈرۈش تۆلىمى بېرىشنىڭ ئۆلچىمى ئېلان قىلىنىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىن 42 شىركەت بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بىراق بىر قىسىم ئەرزان باھالىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتچى ئايروپىلانلار مەيلى قانداق سەۋەبتىن كېچىكتۈرۈلگەن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسۇن، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەرمەيدۇ .

  خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال ئۇچۇشىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» بۇ يىل 1- يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى مەزكۇر بەلگىلىمىنى يولغا قويۇش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى، ئايرودۇرۇملارنىڭ قائىدە ۋە تەلەپلىرى بويىچە، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تىرانسپورت شەرتلىرى، ئايروپىلاندا كېچىككەندە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك كېچىكىش لايىھەسى قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، يولۇچىلارنىڭ ئەرز-شىكايىتىنى قوبۇل قىلىش ئۇسۇل ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى ئاۋىياتسىيە رايون باشقۇرۇش ئىدارىسىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

  بۇلارنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئىپادە بىلدۈرۈپ: ئەگەر نۆۋەتچى ئايروپىلان توختاپ ئۆتىدىغان جايدا كېچىكسە ياكى ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ياكى دۆلەت ئىچىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان زاپاس ئايرودۇرۇمغا قونۇشقا مەجبۇر بولسا، «مەيلى قانداق سەۋەبتىن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بىز يولۇچىلارنى تاماق ياكى ياتاق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز»، دېدى. كونكرېت تولۇقلىما بېرىش شەرتى ۋە ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە بولىدىكەن: ئەگەر جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلان ئاسراش، نۆۋەتچى ئايروپىلان تەڭشەش، ياكى نۆۋەتچى ئايروپىلان گۇرۇپپىسىنىڭ سەۋەبى دېگەندەك ھەر خىل سەۋەبلەر نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتىنىڭ كېچىكىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى كېچىكتۈرۈش ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، يولۇچىلارغا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك ئىكەن. مەزكۇر «بەلگىلىمە» بويىچە، ئۇچۇشنى كېچىكتۈرۈش ۋاقتى تۆت سائەتتىن كۆپ (تۆت سائەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە سەككىز سائەتتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا، ھەر بىر يولۇچىغا 200 يۈەن خەلق پۇلى تولۇقلىما بېرىلىدىكەن؛ سەككىز سائەتتىن كۆپ (سەككىز سائەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېچىككەن بولسا، ھەر بىر يولۇچىغا 400 يۈەن خەلق پۇلى تولۇقلىما بېرىلىدىكەن؛ تۆلەم ئۆلچىمى جەھەتتە، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاپ كېتىدىكەن.

  بۇ ئۈچ چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شېنجېن ئاۋىياتسىيە شىركىتى، شەندۇڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى، كۈنمىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە داليەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ يولۇچىلارغا بېرىدىغان تۆلەم سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 400 يۈەن بولىدىكەن.

  مۇخبىرلار يەنە مۇنۇلارغا دىققەت قىلدى، يەنى، قىسمەن ئەرزان باھالىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى، مەسىلەن، غەربىي قىسىم ئاۋىياتسىيە شىركىتى، چۇنچيۇ ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى مۇنداق دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن: نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىمىز مەيلى قانداق سەۋەبتىن كېچىكتۈرۈلگەن بولسۇن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسۇن، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىمىز ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەرمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر