باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن<13-بەش يىل> لىق ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش ئۇنىۋېرسال خىزمىتى لايىھەسى» نى بېسىپ تارقاتتى

2017.01.06 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ قول قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «<13-بەش يىل> لىق ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش ئۇنىۋېرسال خىزمىتى لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ، «13-بەش يىل» دىكى ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  «لايىھەدە» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تۈرتكە قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكى، كارخانىلار سۇبيېكتى، بازارنىڭ تۈرتكىسى، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. 2020-يىلىغا بارغاندا، مەملىكەت بويىچە 10 مىڭ يۈەنلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى 2015-يىلىدىكىدىن %15 تۆۋەنلىتىش، ئېنېرگىيە ئىستېمال ئومۇمىي مىقتارىنى 5 مىليارد توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە خىمىيەۋى ئېھتىياجلىق ئوكسىگېن مىقتارىنى چىقىرىش ئومۇمىي مىقتارىنى 20 مىليون 10 مىڭ توننا ئىچىدە كونترول قىلىپ، 2015-يىلىدىكىدىن %10 تۆۋەنلىتىش، ئاممىياكلىق ئازوت چىقىرىش ئومۇمىي مىقتارىنى 2 مىليون 70 مىڭ توننا ئىچىدە كونترول قىلىپ، 2015-يىلىدىكىدىن %10 تۆۋەنلىتىش، گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىد چىقىرىش ئومۇمىي مىقتارىنى 15 مىليون 800 مىڭ توننا ئىچىدە كونكترول قىلىپ، 2015-يىلىدىكىدىن %15 تۆۋەنلىتىش، ئازوت ئوكسىدلىرىنى چىقىرىش ئومۇمىي مىقتارىنى 15 مىليون 740 مىڭ توننا ئىچىدە كونترول قىلىپ، 2015-يىلىدىكىدىن %15 تۆۋەنلىتىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە پارلىنىشچان ئورگانىك ماددا چىقىرىش ئومۇمىي مىقتارىنى 2015-يىلىدىكىدىن %10 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر