باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يۇقىرى باھالىق دورىلاردىن شېرىنكانە ئېلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

2016.12.26 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-دېكابىر مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات قانىلىدا «يۇقىرى شېرىنكانە ئېلىنىدىغان يۇقىرى باھالىق دورىلار» دېگەن تېمىدا خەۋەر بېرىلىپ، ئالاقىدار دوختۇرخانىلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ شېرىنكانە ئېلىش ئەھۋالى ئاشكارىلاندى. دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىستىل تۈزەش ئىشخانىسى: دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال شاڭخەي، خۇنەندىكى سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن خەۋەردە ئېيتىلغان يۇقۇرى باھالىق دورىلاردىن شېرىنكانە ئېلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى ھەمدە ۋاقتىدا جەمئىيەتكە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان كىشىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى دېگەن.

  نۆۋەتتە شاڭخەي ، خۇنەن دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە تەكشۈردى، خۇنەن ئۆلكىلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان، بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق بىر دوختۇرنى ۋەزىپىسىدىن توختىتىپ بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە قارار چىقاردى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى شاڭخەي ۋە خۇنەنگە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن بۇنداق ئىشلارنىڭ بىرىدىن مىڭنى پەرەز قىلىپ، مەخسۇس خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى خەۋەردىكى مۇناسىۋەتلىك دورا كارخانىلىرىنىڭ قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشىنى ئالاقىدار نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر