باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

2016.12.13 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 13-بەش يىللىق پىلان باشلانغان يىل شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ باشلىنىش يىلى. بۇ بىر يىلدا، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەت ئالدىدا، ئىقتىساد، جەمئىيەت، دۆلەت پىلانى، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار نۇرغۇن ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، يىل ئاخىرىدا يەنە قانداق جاۋابلار ۋە نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى؟

  تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقى بۇ يىل 1-مايدىن تارتىپ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، بىناكارلىق، ئۆي مۈلۈك، پۇل مۇئامىلە، تۇرمۇش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپ سىناق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى شى ياۋبىن مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك تەننەرخنى ئازايتىش تەدبىرى بولغان تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش، باجنى ئازايتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى ھەم داۋاملىق كۆرۈلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5-ئايدىن 10-ئايغىچە، يېڭىدىن سىناق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن تۆت كەسىپنى تىجارەت بېجى تاپشۇرۇش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئازايغان بېجى جەمئىي 96 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولدى، 26 ئىنچىكە كەسىپنىڭ ھەممىسىدە باجنى ئومۇميۈزلۈك ئازايتىپ كۆپەيتمەسلىكتىن ئىبارەت كۆزلىمە نىشان ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، باج %14.8 ئازايتىلدى. بۇ ئىسلاھاتتا پۈتۈن يىلدا ئازايغان باج 470 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كېتىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەر قوغداش قۇرۇلۇشى بېجى ۋە مائارىپ قوشۇمچە ھەققىنى ئازايتىش سەۋەبىدىن ئازايغان باجنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 500 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

  سىياسەت لايىھىسى كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقتىن، بارلىق كەسىپلەرنىڭ بېجىنى ئازايتىپ ئاشۇرماسلىق نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مەسىلەن: تۆت چوڭ كەسىپكە قارىتىلغان ئەسلىدىكى باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى پىرىنسىپ جەھەتتىن داۋاملاشتۇرۇلۇپ، كونا توختام بىلەن كونا تۈرلەر سىياسەت جەھەتتىن تەكشى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ، ئالاھىدە كەسىپلەرگە ئۆتكۈنچى ئېتىبار سىياسىتى تۈزۈلدى. بۇندىن باشقا، باج تارماقلىرىمۇ بىر يۈرۈش تەدبىرلەر ئارقىلىق، تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنىڭ تەكشى ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر