باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت تەھلىل قىلىندى

2016.12.12 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9-دېكابىر يىغىن ئېچىپ، 2017-يىللىق ئىقتىسادى خىزمەتنى تەھلىل قىلدى، يىغىندا 2017-يىللىق ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئالتە چوڭ مۇھىم سىگنال يەتكۈزۈلدى.

  1-سىگنال: مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمەت باش مېلودىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش-دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى. تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ئىچكى تاشقى مۇھىت ئالدىدا، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يىمىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش ئىقتىسادىي ئاساسقا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ يادروسى-مۇقىم سىياسەت، مۇقىم كۆزلىمە. ماكرولۇق سىياسەت مۇقىملىق ۋە سىجىللىقنى ساقلىشى، مۇقىم سىياسەت بىلەن بازار مۆلچەرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، زور ئىسلاھات تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  2-سىگنال: تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قەدىمى چوڭقۇرلىشىش يىلىغا قەدەم قويدى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك پۇل مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات تەجرىبىخانىسىنىڭ كېڭەش باشلىقى لى ياڭ مۇنداق دېدى: 2016-يىلى تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلاندى، ئىسلاھاتتا دەسلەپكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەمما بۇ بىر كۈندىلا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە ئەمەس. ئۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ، قىسقا مۇددەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش تەس، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشىدىغان غەيرەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىگە تېخىمۇ موھتاج.

  3-سىگنال: بىر تۈركۈم ئاساسلىق ھالقىلىق ئىسلاھات تېزلىتىلىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پېڭ سىن مۇنداق دەپ قارىدى: دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش، يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتتا چوقۇم ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ئۈنۈملۈك تۈزۈم بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  4-سىگنال: ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن گۈللەندۈرۈش، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتلىك تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ياۋ ياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى ھازىر ئېكولوگىيەسى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك، ئىش تەقسىماتى تېخىمۇ مۇرەككەپ، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق باسقۇچقا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنى ياخشى ئىشلەش-ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025-نى تېز ئىلگىرى سۈرۈش يەنە نۇرغۇن ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە موھتاج، بۇ مالىيە مەبلىغى بىلەن قوللاش ۋە يېتەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  5-سىگنال: ئۆي-مۈلۈكنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ تېزدىن بەرپا قىلىش، جۇڭگو ئۆي-مۈلۈكنى باھالىغۇچىلار ۋە ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىچىسى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چەي چىياڭ مۇنداق دېدى : ئۆي مۈلۈك كەسپىنى مۇقىم، ساغلام راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى-تۇرالغۇ ئىستېمالى بىلەن مەبلەغ سېلىش، ئۆي-مۈلۈك بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، زاپاس ئۆي بىلەن كۆپەيگەن ئۆي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۆي مۈلۈك تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ خۇڭيۈ مۇنداق ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى دەپ قارىدى: 3-، 4-سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئۆي مۈلۈك بېسىلىپ قېلىش ھالىتىنى پەسەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پىشاڭسىزلاشتۇرۇشنى باسقۇچقا بۆلۈپ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  6-سىگنال: كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ ئاكتىپ سىگنالنى قويۇپ بېرىش، سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى خەلقئارا بازار تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بەي مىڭ مۇنداق دېدى: «يىغىن-تاشقى مەبلەغنى پائال جەلپ قىلىشنى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئىجابىي سىگنال چىقاردى. بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى بايلىقنى ياخشى تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، چەت ئەلگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر