باۋما كۆمۈر كېنى ۋەقەسىدىكى مەسئۇلىتى بار 10 كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇلدى
2016.12.12 15:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىىڭ ئۇلانخاتتىكى 3-دېكابىر باۋما كۆمۈر كېنى ۋەقەسىدىكى مەسئۇلىتى بار 10 كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. ۋەقەگە چېتىشلىق باۋما كۆمۈر كېنى ماددىي ئەشيا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرى چيۇ زىتيەن، باش دىرېكتورى جاڭ شياۋدوڭ، باۋما كان شىركىتىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى، باش دىرېكتورى ليۇ خەيجۈن، كان باشلىقى لۈ گويوۋ قاتارلىق ئون مەسئۇلىيىتى بار كىشى قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلدى، ھازىر تەكشۈرۈش خىزمىتى يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر