باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن چەتئەللىك مۇتەخەسىس جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ «پۇتبول پەلسەپەسى» بولۇشى كېرەك، دەپ تەكلىپ بەردى

2016.12.09 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016- يىللىق جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ترېنېرلار يىغىنى كۇنمىڭ شەھىرىدىكى خەيگېڭ تەنتەربىيە مەشق بازىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىمقى يىغىندا دىققەتنى تارتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر سۆز «پۇتبول پەلسەپەسى» بولۇپ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى، ھەمدە پۇتبول تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەر، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۆزىنىڭ پۇتبول پەلسەپەسى بار بولۇشى كېرەك، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ جەھەتتە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، دەپ تەكلىپ بەردى.

  خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس جون پىكوك بۇ يىل 9- ئايدا جۇڭگونى 23 كۈنگىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بۇ مەزگىلدە ئۇ جۇڭگونىڭ 10 نەچچە شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ، شۇ جايدىكى پۇتبول جەمئىيىتى ۋە كۇلۇبلار بىلەن چوڭقۇر پىكرلەشتى، ھەر قايسى جايلاردىكى مەكتەپلەردە پۇتبولچىلىقنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ھەمدە جۇڭگو نامىدىكى ھەر دەرىجىلىك كوماندىلارنى زىيارەت قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە سۇنغان دوكلاتىدا، ئۇ جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدا ھازىرقى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى، ئۆزىنىڭ پۇتبول پەلسەپەسىنى قۇرۇپ چىقىشتۇر، دەپ قارىدى.

  جون پىكوك مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدا دۆلەت كوماندىسىدىن كۇلۇبقىچە ئېنىق پۇتبول پەلسەپەسى يوق ئىكەن، بۇنداق بولغاندا بىر ئېنىق تەرەققىيات يۆنىلىشى بولماي قالىدۇ. جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى جۇڭگونىڭ پۇتبول تەرەققىيات يۆنىلىشىنىڭ قارار قىلغۇچىسى بولۇشى، يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىشى، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر يۈرۈش پۇتبول پەلسەپەسىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. بۇ جەرياندا ئۇ، جۇڭگو نامىدىكى ھەر دەرىجىلىك كوماندىلار ۋە كۇلۇبلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇلارغا بۇ بىر پۇتبول پەلسەپەسىنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسىنى يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتى بار».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر