باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ «ئاخىرقىسىنى شاللاش» بىلەن ئەمگەك توختامىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىشى قانۇنغا خىلاپ

2016.12.01 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 30- نويابىر ئېلان قىلغان «8- قېتىملىق مەملىكەتلىك سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ ۋە سودا ئىشلىرى دېلولىرىنى سوت قىلىش خىزمىتى يىغىنى(ھەق تەلەپ قىسمى)نىڭ خاتىرىسى»دە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختام مۇددىتىدە «ئاخىرقىسىنى شاللاش» ياكى «ئىش ئورنىغا رىقابەت بىلەن چىقىش» قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەمگەك توختامىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلسا، ئەمگەكچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى ئەمگەك توختامىغا خىلاپلىق قىلغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن ئەمگەك توختامىنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى ياكى تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1-كوللېگىيەسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «ئاخىرقىسىنى شاللاش» بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى چوقۇم قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئەمگەك توختامىدىن قارىغاندا، ئېلىمىز قانۇنىدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك توختامىدا «ئاخىرقىسىنى شاللاش»نى سەۋەب قىلىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى بېكىتىشى رۇخسەت قىلىنمىغان، بۇنىڭدىن كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش، باھالاشتا ئاخىرقى خىزمەتچىنى «شاللىشى»نىڭ قانۇن ئاساسى يوق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ خاتىرىدە يەنە ئەمگەك تالاش-تارتىشى دەۋا كېسىم سوتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئەمگەك توختامىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى قولايلىقلاشتۇرغان.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر