باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت چوڭ بانكا بىر بانكىدا كۆپ كارتا بولۇشنى تەدرىجىي تەرتىپكە سالىدۇ

ساقلانما ئىسچوت ۋاقتىنچە تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ

2016.12.01 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بانكىلار 1- دېكابىردىن باشلاپ شەخسىي ئىسچوتنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرىدۇ. مۇخبىرنىڭ 30- نويابىر سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بانكىدىن ئۇقۇشىچە، ئېچىپ بولغان ساقلانما بانكا ئىسچوتى تەسىرگە ئۇچرىمايدىكەن، يەنىلا نورمال ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. لېكىن نۇرغۇن بانكىلار شەخسلەرنىڭ ساقلانما بانكا ئىسچوتىنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقى، Ⅰ تۈر بويىچە بىر قانچە ئىسچوت ئاچقان مۇئامىلىدارلارنىڭ تېزدىن تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ ئىسچوت ئۇچۇرىنى جەزملەشتۈرۈشىنى ئېيتقان.

  مەركىزىي بانكا 2016-يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئوخشاش بىر كىشىنىڭ ئوخشاش بىر بانكىدا Ⅰ تۈردىكى ھېساباتتىن پەقەت بىرنىلا ئېچىشقا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر، ھەر قايسى چوڭ بانكىلاردىكى ساقلانما ئىسچوتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك Ⅰ تۈردىكى ئىسچوتكەن، شۇنداقلا بىر بانكىدا بىر قانچە ئىسچوت ئاچقان مۇئامىلدارلارمۇ ئاز ئەمەسكەن.

  سودا-سانائەت بانكىسى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن سودا-سانائەت بانكىسىدا Ⅰ تۈر بويىچە ئىسچوت ئاچقانلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىمايدىغانلىقى، داۋاملىق ئىشلەتسە بولىدىغانلىقى؛ يېڭىدىن شەخسىي ئىسچوت ئاچقۇزماقچى بولسا، پەقەت Ⅱ تۈر ياكى Ⅲ تۈر بويىچە ئىسچوت ئاچالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باشقا بانكىلارنىڭ ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، ئۇلارمۇ مۇشۇ بويىچە مەشغۇلات قىلىدىكەن.

  تۆت چوڭ بانكا ساقلانما شەخسىي بانكا ئىسچوتىنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو بانكىسى ھەر خىل ھېساباتقا سەپلەنگەن ھەميان كارتىسىنىڭ تۆتتىن ئاشماسلىقىنى بىلدۈردى، باشقا بانكىلار Ⅰ تۈر بويىچە(ھەميان كارتىسى ياكى پۇل ئامانەت قويۇش دەپتىرى) بەشتىن ئارتۇق ئىسچوت ئاچقان مۇئامىلىدارلارنىڭ ئىناۋەتلىك كىملىكىنى ئېلىپ تېزدىن بانكا تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ ئىسچوت ئۇچۇرىنى جەزملەشتۈرۈشىنى ئېيتتى.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر