باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئاچتى

يىغىندا پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىدار تەمىناتى قاتارلىق ھۆججەتلەر ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خىزمەت ئورگىنى نىزامى (سىناق نۇسخىسى)»، «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە بەلگىلىمە»گە قاراپ چىقىلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى

2016.12.01 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىدار تەمىناتى قاتارلىق ھۆججەتلەر، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خىزمەت ئورگىنى نىزامى (سىناق نۇسخىسى)»، «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە بەلگىلىمە»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى ۋە قېلىپلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تۆمۈر سوقۇش ئۈچۈن بازغان قاتتىق بولۇشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردىن باشلاش، باشقىلاردىن قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىشنى ئاۋۋال ئۆزى قىلىش، باشقىلاردىن قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىشنى ئۆزى قەتئىي قىلماسلىق كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى تۈزگەن ۋە ئىجرا قىلغاندىن باشلاپ، ھەممە ئىشنى ئۆزىدىن باشلاش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتەك ياخشى سىياسىي كەيپىيات شەكىللەندى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىشخانا، تۇرالغۇ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، قاتناش، خىزمەتچى سەپلەش، ئوتپۇسكا-ئارام ئېلىش قاتارلىق تەمىناتى توغرىسىدا يەنىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى خىزمەتتىن چېكىنگەندە ئىشخانىنى ۋاقتىدا بوشىتىپ بېرىش؛ ئاپتوموبىلنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ سەپلىمەي، قاتناش قوراللىرىغا ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئولتۇرماي، سىرتقا چىققاندا ئېغىرچىلىق سالماي، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئازايتىش؛ خىزمەتچىلەرنى بەلگىلىمە بويىچە سەپلەش ھەم تەربىيە ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرگە قاتتىق چەكلىمە قويۇش؛ سىرتلارغا چىقىپ ئوتپۇسكا-ئارام ئېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، قاتتىق بولغان تەستىقلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق بولۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، «خىزمەت ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش، تەمىناتنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇش، چەكلىمىنى كۈچەيتىش ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، بۇ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، پۈتۈن پارتىيە ئۈچۈن مۇھىم ئۈلگىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىغا ئىگە. مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئاۋۋال باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ ئىجرا قىلىدۇ ھەم تۈركۈمگە بۆلۈپ يولغا قويىدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر