باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭشى فېڭچېڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن «24- نويابىر» ۋەقەسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم بېرىش باسقۇچىغا كىردى

2016.11.28 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭشى فېڭچېڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زېڭ ۋېنمىڭ ئەھۋالدىن ئومۇمىي مەلۇمات بەردى، جياڭشى فېڭچېڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن «24- نويابىر» ۋەقەسىنىڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قازا قىلغانلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى تېزدىن يولغا قويۇپ،DNA تەكشۈرۈش ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى پەرق ئېتىش رەسمىيەتلىرى ئارقىلىق، 27- نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 5 يېرىمدا، 55 نەپەر قازا قىلغۇچىنىڭ جەسىتىنىڭ كونكرېت سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى بىرمۇبىر بېكىتىپ چىقتى، نۆۋەتتە، بۇ تۈر خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ .

  27- نويابىر، «24- نويابىر» ۋەقەسىگە چېتىشلىق قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ − خېبېي يىنېڭ ئىس مۇنارى قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋەكىلى شاڭ ۋېيشياڭ ھادىسىسىگە تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى: قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىلارنىڭ خىزمىتى ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم بېرىش باسقۇچىغا كىردى، «يۇقىرى بولسا بولسۇن، تۆۋەن بولمىسۇن، تولۇق تۆلەم بېرىش كىرەك» دېگەن ۋەدىسى بويىچە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ياخشى مۇزاكىرە قىلىپ، ئاخىرقى ھېسابتا تۆلەم ئۆلچىمىنى بېكىتتى. بۇنىڭدىن سىرت، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ دەپنە ئىشلىرى ئۈچۈن چىقىم قىلغان بارلىق خىراجەتلىرىنى قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر