باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى 20 مىڭ ۋولتلىق ئوپتىك تالالىق لازېر نۇرى ئەسۋابى رەسمىي قۇراشتۇرۇلۇپ، چەت ئەلنىڭ تېخنىكا مونوپولىنى بۇزۇپ تاشلىدى

2016.11.23 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-نويابىر، «ۋۇخەن - جۇڭگو نۇر جىلغىسى» لازېر نۇرى تېخنىكىسى ۋە كەسىپلىرى تەرەققىيات-ئىجادىيەت مۇنبىرىدە، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى پۈتۈنلەي مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىققان 20 مىڭ ۋولتلىق ئوپتېك تالالىق لازېر نۇرى ئەسۋابىنىڭ قۇراشتۇرۇلۇش باسقۇچىغا رەسمىي كىرگەنلىكىنى، بۇ تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ چەت ئەلنىڭ تېخنىكا مونوپولىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى، ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى باھاسىنى %40 ئەتراپىدا چۈشۈرۈش مۆلچەرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  بۇ تۈر مەسئۇلىنىڭ بىرى، دۆلەتلىك «مىڭ كىشىلىك پىلان» مۇتەخەسسىسى يەن داپېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى 20 مىڭ ۋولتلىق ئوپتىك تالالىق لازىر نۇرى ئەسۋابى پەقەت ئىمپورت قىلىشقىلا تايىنىلىۋاتقان بولۇپ، بىر دانە ئىمپورت قىلىنغان 20 مىڭ ۋولتلىق ئوپتىك تالالىق لازىر نۇرى ئەسۋابىنىڭ بازار باھاسى 6 مىليون يۈەن ئىكەن، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، سېتىلىش باھاسى %40 تۆۋەنلەيدىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى تۆتىنچى تەتقىقات ئورنى 10 مىڭ ۋولتلىق ئوپتىك تالالىق لازېر نۇرى ئەسۋابىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، ئامېرىكىدىن كېيىنكى دۇنيا بويىچە بۇ يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلىگەن ئىككىنچى شىركەت بولۇپ قالغان.

  ئوپتىك تالالىق لازىر نۇرى ئەسۋابى كاربون تۆت ئوكسىد ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك لازىر نۇرى ئەسۋابىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى ئەۋلاد مەھسۇلات بولۇپ، چاچتەك ئىنچىكىلىكتىكى ئوپتىك تالالار لازېر نۇرى ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بېرىدۇ، سانائەتتىكى كېمىسازلىق، ئايروپىلان ۋە ئاپتوموبىل ياساش، ئاۋىياتسىيە- ئالەم قاتنىشى ھەمدە ئۈچ ئۆلچەملىك پىرىنتلاش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ، ئەنئەنىۋىي كاربون تۆت ئوكسىدلىق لازېر نۇرى ئەسۋابى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئوپتىك تالالىق لازېر نۇرى ئەسۋابىنىڭ توك سەرپىياتى كاربون تۆت ئوكسىدلىق لازىر نۇرى ئەسۋابىنىڭ بەشتىن بىرىگە، ھەجىمى ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، بىراق سۈرئىتى تۆت ھەسسە تېز، ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى %20 يۇقىرى ھەمدە بۇلغىما چىقارمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر